شىركەتنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

Company profile

    شىنجاڭ نۇرلۇق مەشئەل ئۇچۇر تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 2012-يىلى 12- ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، يۇمشاق دېتال تەتقىقاتى، سېستىما توپلاشتۇرۇشنى ئاساسي تىجارەت كەسپى قىلغان ئۇچۇر تېخنىكا كارخانىسى. شىركەت قۇرۇلغان تا ھازىرغىچە، داۋالاش، ئالاقە، مائارىپ ۋە ئەنئەنىۋىي مىللىي كارخانا قاتارلىقلارنىڭ بازىرىنى ئېچىشنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئەمەلىي سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان تەتقىقات ئەتىرىتىنى ھاسىل قىلىپ، بىر قاتار ئىلغار كۆپ تىللىق يۇمشاق دېتال مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى. شىركەت ئۆزىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچى ۋە مۇقىم خېرىدار توپىتى شەكىللەندۈرۈپ، كەڭ خېرىدارلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ۋە ئىشەنچىگە ئېرىشتى. شىركەت شىنجاڭ IT ئۈچ يىغىنى ئاستىدىكى « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كۆپ تىللىق ئۇچۇر تېخنىكىسى كەسپىي كومىتېتى» تەشەببۇس قىلغۇچى ئورۇن، باش كاتىبات ئورنى شۇنداقلا « كۆپ تىللىق ئۇچۇر ۋە خەۋەرلىشىش تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرى مۇنبىرى ( قىسقارتىلىپ ICTEF) » تەشەببۇس قىلغۇچى ئورۇن، باش كاتىبات ئورنى قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئىگە.

شىركەت مەنزىلى

  كۆپ خىل تىلدىكى ئۇچۇر تېخنىكىسى تەتقىقات ۋە قوللىنىش ساھەسىدە باشلامچى كارخانا بولۇپ چىقىش،خېرىدارلىرمىز ۋە خادىملىرمىز بىلەن ئورتاق تەرەققى قىلىش !

شىركەتنىڭ بۇرچى

    كۆپ خىل تىلدىكى ئۇچۇر تېخنىكىسى تەتقىقات ۋە قوللىنىش ساھەسىدە باشلامچى كارخانا بولۇپ چىقىش،خېرىدارلىرمىز ۋە خادىملىرمىز بىلەن ئورتاق تەرەققى قىلىش !

يادرولۇق قىممەت قارشىمىز

   ھاياتلىق بىر سىناق جەريانىدۇر ، ھاياتقا تۇتقان پوزىتسىيە ھاياتلىق مۇساپىمىزنى بەلگىلەيدۇ . بىز ئىلىم-پەن بىلەن كەلگۈسىنى يورىتىمىز ، پەن-تېخنىكا بىلەن قىممىتىمزنى يارتىمىز!